ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

24-يانۋار كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان «شەرق-غەرب ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئۈندىداردىكى ھېسابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئادەم بايلىقى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالە ئاپتورى تاڭ لىجيۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىختىساسلىق خادىملار ۋە پۇلدارلارنىڭ كۆپلەپ سىرتقا كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئۇ ماقالىسىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، 2009-يىلىدىكى 46 پىرسەنتتىن 2016-يىلىدىكى 5. 34 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 4 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئەسلىدىكى 10 پىرسەنتتىن ھازىرقى 5. 6 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە «خىتاي ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانىچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركۈملەپ كېتىپ قالغانلىقتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا نوپۇسنىڭ بىر مىللەتكە يۈزلىنىشىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. بۇ رايوندا جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش سىياسىتىگە ھەم شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلماقتا،» دەپ قايغۇرغان.

تاڭ لىجيۇ بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خىتاي ئىختىساسلىقلار ۋە پۇلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ يەرلىشىپ قېلىشقا قىزىقتۇرۇپ كەلگەن شۇنداقلا «ئىختىساسلىق خادىم» نامىدا نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، تاڭ لىجيۇ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى رەقەملەرنىڭ قانچىلىك بىر رېياللىقىنى ئىسپاتلىشى قېيىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي يۆتكەپ، نوپۇس قاتلىمىنى بۇزۇشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق، دەپ قارىماقتا.

تولۇق بەت