كەنتلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى خىتاي تىلى مائارىپى تەشۋىقاتىغا كىرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان زور ساندىكى كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيمۇ-كىرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشى» ۋە مۇقىملىقنى تەرغىب قىلىشىنى تەشكىللىگەن بولسا، مانا ئەمدى تۆۋەنگە چۈشكەن بۇ كادىرلارنىڭ بىر قىسمى يەسلىلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىش، بولۇپمۇ خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە كىرىشكەن.

«تەڭرى تاغ» تورىدىكى بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاش يول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى ۋە قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ ناھىيەلىرىدىكى كەنتلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ 85 نەپىرى پەرزەنتلەرنى خىتاي تىلى بىلەن تەربىيىلەشكە سېلىنغان.

ئادەتتە، دائىرىلەر «قوش تىللىق يەسلى»، «قوش تىلى مائارىپى» دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسا، ئاقتۇغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي باشلىقى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆز خىزمەت ئەترىتىنىڭ، يەسلىلەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى كېڭەيتىشكە ھەسسە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2017-يىلى، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا 4300 دىن ئارتۇق «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇپ بولىدىغانلىقى ۋە زور ساندا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يېزا-كەنتلەردىكى كۆپ ساندىكى چوڭ ياشتىكى كىشىلەر «دىنى ئەسەبىيلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قاتارلىق ھەر خىل ئەيىبلەشلەر سەۋەبى بىلەن «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان، ھەتتا بەزىلىرى قاماققا ئېلىنغان. بۇنداق ئەھۋالدا يەنە يېزا-كەنتلەرگە چۈشكەن بۇ كادىرلار يەسلى بالىلىرىغا خىتاي تىلى تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

تولۇق بەت