ئۇيغۇر رايونىدا بىر قىسىم يېزىلارنىڭ «مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا» دەپ بېكىتىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر قىسىم يېزىلارنى «مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا» دەپ بېكىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 16-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «ئالاقىدار باھالاش تەلىپىگە بىنائەن. . . دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى 27 ئورۇننى ‹خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا› قىلىشنى بېكىتتى.»

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 27 يېزا قاراماي، توقسۇن، كۇچا، سانجى، بورتالا، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى 25 يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىڭتۇەنگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئىككىسى بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بىر قىسىم يېزىلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى بېكىتكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2018-يىلىدىن باشلاپ «گۈزەل ئائىلە قۇرۇلۇشى»، «ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ، پاكىز مۇھىت يارىتىش» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بۇ ھەرىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا ۋە ئۆي ئىچىدىكى سۇپا-كاڭلىرىنىڭ چۇۋۇلغانلىقى، مىللىيچە نۇسخىدىكى نەقىشلەرنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە مەسنەۋى ۋە پانۇس تاقاش ۋە سافا ۋە كارىۋات قويۇشنىڭ تەشەببۇس قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلەردىن پەقەت بىر قانچە يېزىنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىكىنى ساياھەت ئورۇنلىرى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىپ، قالغانلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گرۇس ئەپەندى ئەينى چاغدا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەرنى 2017-يىللىرىدا باشلىغان «ئائىلىدە تۇرىدىغان كادىرلار سىياسىتى» ۋە «لاگېر تۈزۈمى» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئومۇمىي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت