ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى باشلىنىش ھارپىسىدا ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا شېرىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«CNBC خەۋەرلىرى» نىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلاشقا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى شىنجاڭدىكى زۇلۇملىرىنى تېزدىن ئاياغلاشتۇرۇش، بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرىدۇ» دەيدۇ.

بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ باشلىنىشى» دەپ قارىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت