سوفىيە رىچاردسون: «شىنجاڭدىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك، بولمىسا جىنايەتكە شېرىك بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.

رىچاردسون خانىم بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ 16 ‏-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك، بولمىسا جىنايەتكە شېرىك بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردە تۇتقاندا خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندىكى سودا مەشغۇلاتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن. ئۇ ھاللىبۇرتون، دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى نبا قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەملەشكەنلىك تارىخىي بارلىقى، بەزى شىركەتلەر جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى شىركەتلەرنىڭ بۇرۇنقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ كېدا فېيشۈن، خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھىدەك بەزى شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، رايوندىكى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تېلېفوندا ئاۋاز تونۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق كىشىلەرنى تەقىب قىلىشىغا ياردەملەشكەن.

رىچاردسون خانىم ماقالىسىدە يەنە تېرمو-فېشىر، باجىر شىركىتىدەك بەزى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختاتقانلىقى، باشقا شىركەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى چەتئەل شىركەتلىرى دەرھال بۇ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاپ چىقىشى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا باشقا مەقسەتكە ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرىغا زاكاز قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا ئەمگەك ھەقلىرىگە ئەمەل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، شىركەتلەر يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى 3‏-بىر مۇستەقىل تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سودا پائالىيەتلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان يەرلىك كارخانا ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت