قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇش پىلانى ئىشقا كىرىشىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلق تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى كېلەر يىل 4-ئايدا قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرىدىغان 3-يول بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەلق تورى خەۋىرىدە، بۇ ئۇچۇرنى 5-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى» گە قاتناشقان خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان چاقىلىق-گېئېرمۇ تۆمۈريولى ئارقىلىق، ھازىرقى گېئېرمۇ-لەنجۇ تۆمۈريولى، شۇنداقلا يىراق مەزگىللىك پىلان ئىچىدىكى گېئېرمۇ-چېڭدۇ تۆمۈر يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يول كۆپىيىدىكەن ۋە مۇساپە قىسقىرايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلىدىكى «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دىن كېيىن ئاساسلىق كۈچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قاتنايدىغان ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتناشلىرىنى كۈچەيتىشكە قاراتقان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ ئەكېتىشنى تېزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت