ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوچۇق خەتلەردە ئۇيغۇرلار داۋاملىق ھاقارەتكە ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش تېمىسىدىكى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى ۋە تەڭرىتاغ تورلىرىدا بۈگۈن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى نازىرى ئەنۋەر سىيىت، ۋە ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن نازىرى ئۇرازبېك سۇلتان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر قىرغىز مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى.

يۇقىرىدىكىلەرنىڭ خەتلىرىدە تالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇش، تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇش، پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزمنى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇش، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن قاتتىق ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ پارتىيىگە چىن ساداقەت بىلەن ئاداققىچە ئۈچ خىل كۈچ بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان. ئەمما ئەدلىيە نازارىتى نازىرى ئەنۋەر سېيىت ئوچۇق خېتىدە ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە نىشان ئېلىپ تۇرۇپ: «‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇناپىق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى قانات يايدۇرۇۋاتقان كۈرەش ھايات-ماماتلىق كۈرەش، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان سىياسىي كۈرەش. بىزنىڭ قوغدايدىغىنىمىز دۆلەت مەنپەئىتى، پارتىيە مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى» دەپ يازغان. ئۇ يەنە سۆزىگە داۋام قىلىپ: «بىزدە بىرلا ئېتىقاد بار، ئۇ بولسىمۇ كوممۇنىستىك ئېتىقاد. كوممۇنىستىك ئېتىقاد پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھى» دەپ ئەسكەرتكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ئوچۇق خەتلەردە ھازىرغىچە ئاساسەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ پۈتۈن بىر مىللەتنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا تىللىتىش تاكتىكىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت