خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش» تۈرىگە زور سوممىدا مەبلەغ سالغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرىغا سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىنقى يېرىم يىللىق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش» تۈرىگە ئىككى مىليارد 440 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

28-ئىيۇن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خىتايچىسىغا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان بۇ زور سوممىلىق مەبلەغ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن 200 مىليون يۈەن، خىتاي مەركىزىي مالىيەسىدىن ئىككى مىليارد 240 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش» تۈرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش» ۋە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھالبۇكى، خەۋەردە «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش» نىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئىزچىل «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمدىلىكتە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش» كە رايوندىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش» نىڭمۇ قوشۇۋېتىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيە مەكتەپلىرى» نىڭ ئىزچىل كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلىغى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت