«شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شاڭخەي شەھىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-يانۋار كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «تىبەتكە ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» ناملىق بىر يىغىن چاقىرغان.

2017-يىلى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ «چېگرا رايونلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش قارارى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ يۇقىرىقى بۇ خىزمەت يىغىنى مانا شۇ قارارنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، تۇنجى تۈركۈمدە سەپەرگە چىقىدىغان 185 ئوقۇتقۇچىنىڭ 170 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بارسا، ئاران 15 نەپىرىلا تىبەتكە بارىدىكەن. «تىبەت ۋە شىنجاڭغا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» نىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئىكەنلىكى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 170 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەركەن، پوسكام، قاغىلىق ۋە مارالبېشى قاتارلىق تۆت ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 15 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شاڭخەي شەھىرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا قەشقەردە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مائارىپ گۇرۇھى» نى قۇرۇپ چىققان. بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 2019-يىلى 16-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «قەشقەر خەۋەر تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەردە مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇشى-قەشقەردىكى مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەربىر پەرزەنتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئاۋانگارت مايسىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ، يېڭىچە ۋەزىيەتتىكى يېڭىچە تەلەپنى قاندۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كاپالەتنى بەرپا قىلىدۇ،» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئوقۇتقۇچى يۆتكىشى بۇ جايلاردا تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا قامالغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغان پەيتتە بۇ بالىلارنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزلەرنى پەيدا قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت