خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئىختىساسلىق خادىم» يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىختىساسلىق خادىم» نامىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» نىڭ 30- مارت كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەلگۈسى نەچچە يىلدا «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش» دېگەن سىياسىتىگە ئاساسەن يۇقىرى مائاش بېرىش، مۇكاپاتلاش، يېشىل يول ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «ئىختىساسلىقلار» نى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلىمى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساس ئىگىسىنى كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى» ناملىق تۈرنىمۇ يولغا قويىدىكەن. خەۋەردە بۇ تۈر ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تۈرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىز كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 600 ئالىم ۋە پەن-تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىدۇ».

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ھەرخىل نام ۋە سىياسەتلەر ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىغا پىلانلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۇقىرى مائاش بىلەن كۆچۈشكە چاقىرغاننىڭ ئەكسىچە، يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىش بەرمەي ياكى ئۇلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دېگەن نام بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئەمما چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق سىياسەتلىرىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت