شى جىنپىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يىلتىز تارتىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تور بەتلىرىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارامايدىكى شۆبىسىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان بىر پارچە خېتى كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا شى جىنپىڭ خېتىدە يۇقىرىدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر شى جىنپىڭنىڭ خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەخسۇس قارامايدىكى مەكتەپ رايونىغا يېتىپ بېرىپ سۆز قىلغان. دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يىلتىز تارتىپ قېلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇنى «جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنىڭ ئاساسى»، دەپ كۆرسەتكەن.

چېن چۈەنگو سۆزىدە تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەرنى قوللانغان: «. . . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنى ئۆمۈرلۈك ئېتىقادى قىلىپ، توغراققا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشى كېرەك. چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيىدىغان، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك».

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يىلتىز تارتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشى دىققەت قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر لاگېرلارغا قامالغان ۋە قالغان ياش ئەمگەك كۈچلىرى ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇۋاتقان بىر شارائىتتا خىتايلارنى ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىغا يۆتكەشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت