ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 10 مىڭ «ئالىي مەلۇماتلىق ياش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 3 يىل ئارىلىقتا يەنە 10 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ياشلار ئەگەر ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت توختامى تۈزسە، ئالاھىدە تۇرمۇش كاپالەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى پىلاننىڭ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «3 يىل ئىچىدە يۈزمىڭ ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا چىقىرىلىۋاتقان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى. تېخى ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەرب پىلانى» بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن توپلانغان 3300 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن ئاساسىي قاتلاملارغا يولغا سېلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چوڭجيۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى «ياخشى ئىشلەپ مۇشۇ جايدا يىلتىز تارتىپ قېلىش» قا چاقىرغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى قاماش، ئاتالمىش «زاۋۇت» لاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كونترول قىلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەدەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەمگەك كۈچى يۆتكىمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت