كورلا شەھىرىدىكى يەسلىلەرگە زور ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە 10-ئاۋغۇست چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا شەھەر تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يەسلىلەرگە بۇ يىل كۈز پەسلىدە 3300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل كورلا شەھىرىدە يېڭىدىن 12 يەسلى ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭ 2020-يىلى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدىغانلىقىمۇ بۇ يىلقى يېڭىلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى زور دىققەت قوزغاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ «ئەمگەك كۈچلىرى» بولۇپ خىتاي زاۋۇتلىرىغا يوللىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەقسىز يەسلى» قاتارلىق ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن زور ساندا ئىچكىرىدىن كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن كورلادىكى يېڭى يەسلىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بىردىنلا ئېشىپ كېتىش ھادىسىسىنى مۇشۇ خىل رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت