كورلا شەھىرى 450 نەپەر «شىتات سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كورلا شەھىرى يېقىندا جەمئىيەتتىن 450 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. «بايىنغولىن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى شىتات سىرتىدا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

كورلا شەھىرى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىنتايىن كۆپ ساندا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كورلا شەھىرى يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن شىتاتلىق ۋە شىتاتسىز ئىنتايىن زور ساندىكى ساقچى، ئالاھىدە ساقچى، ياردەمچى ساقچى، ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغان.

بۇ قېتىم شىتات سىرتىدا قوبۇل قىلىنىدىغان 450 نەپەر ئوقۇتقۇچىلار كورلادىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىكەن. خەۋەردە شىتات سىرتىدا قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كورلا مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى دېيىلگەن.

كورلاغا قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئادەم سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپلۈكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورلانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى كونترول قىلىشتىكى بىر بازىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەدەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ ئادەم تولۇقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇنتاغنى تېشىپ ئۆتكەن ئاساسلىق تۇنېلىنىڭ پۈتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ تۆمۈريول لىنيەسىدە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تامالىنىشى، تېخىمۇ زور تۈركۈمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كورلا ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا يەرلىشىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت