كورلا شەھىرىگە خىتاي مىقياسى بويىچە 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەن يۆتكەشنى تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

22-ئاۋغۇست كۈنى كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن جەمئىي 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

بىر نۆۋەتتىلا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى سانىنىڭ بۇنچە كۆپلۈكى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت قوزغىدى. تېخى يېقىندىلا غۇلجا ناھىيەسىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە جەمئىي 600 نەپەر «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

2019-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلىرىدە ساقچى، بىخەتەرلىك خادىمى ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز دېگەندە 2 مىليون ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن رايوننى خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن تولدۇرۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت