خىتاي كۆچمەنلىرى «پاختا تېرىش» ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئاقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا چىقىۋاتقان «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەسىدىن تەشكىللەنگەن «پاختا تەرگۈچىلەر قوشۇنى» بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئېقىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىغا پاختا تېرىشقا ئاتلانغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلانغان بولۇپ، ھەرقايسى تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ خىلدىكى ئېشىپ مېڭىش ئەھۋالىغا قارىتا مۇناسىپ ياردەم چارىلىرىنى قوللىنىۋېتىپتۇ.

«خىتاي پاختا تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىڭتۇەنلەرگە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ماشىنا ئارقىلىق پاختا تېرىش يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ماشىنا ئارقىلىق تەرگەن پاختىنىڭ سېتىلىشى قولدا تېرىۋېلىنغان پاختىلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا، ھەرقايسى بىڭتۇەنلەر ئىزچىل ھالدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا تېرىشقا يۈزلىنىۋېتىپتۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەر يىلىنىڭ مۇشۇ مەزگىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «پاختا تېرىش قوشۇنى» دىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئاتلىنىپ، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى ھەرقايسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا قوشۇمچە تاپاۋەت قىلىدىغان مەزگىلى ئىكەن. زىيارەت ئوبيېكتلىرى مۇخبىرلارغا بىردەك ئۆز جايلىرىدا قىلغۇدەك ئىش يوقلۇقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «سۈيى، تۇپرىقى ۋە ياشاش شارائىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق، شۇنداقلا تولىمۇ جاپالىق» بولسىمۇ ئاز-تولا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى، يىللاردىن بۇيان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» نامىدا ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى پۈتكۈل خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 60% تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت