ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىدىن ئېلىنغان ئوقۇتقۇچىلار 120 مىڭدىن ئاشقان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا كۆپلەپ تارقىتىلغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بويىچە2017‏-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە يەسلىلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار سانى 120 مىڭ كىشىدىن ئاشقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سىياسىي ساپانى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلغان ھالدا قوبۇل قىلىنغانىكەن.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن يەك تىللىق مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى «كېسەللىكتىن پېنسىيەگە چىقىش» قا ياكى باشقا شەكىللەردىكى «دەم ئېلىش» قا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. نۆۋەتتە يېڭىدىن شەكىللەنگەن بۇ غايەت زور ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلىنغان خىتايلار ئىكەنلىكى ھەققىدە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت