خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا 140 مىڭ نوپۇس باشقا جايغا كۆچۈرگەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش پىلانى تېز سۈرئەت بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشتا 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست ھەم باشقا جايلاردىكى ئاھالىدىن 159 مىڭ 100 ئاھالە «نامراتلارنى يۆلەش» نامىدىكى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈرۈلۈش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 9 مىليارد 517 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان. 2016-2018-يىلغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە جەمئىي 140 مىڭ ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان.

خەۋەردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئائىلە كۆچۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ نامرات رايون دەپ ئاتىۋالغان بۇ 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا «سۇ مەنبەسى قىسلىقى»، «يەرلىرىنىڭ چۆللىشىپ كېتىش» بىلەن بىرگە يەنە بۇ جايلاردا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئىنكاسلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئەمىن ئۆيگە كۆچۈرۈش» خىزمىتى نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نى «نامراتلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش» قۇرۇلۇشى دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنى، «ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىشنى ۋە تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قۇرۇلۇش»، دەپ قارىماقتا. خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىقىغا تۇتاش قەدىمىي ئۇيغۇر چىپان يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ئۆز ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت