خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ يىلتىز تارتىشقا تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ يىلتىز تارتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا-بازارلىرىغا خىزمەتكە ئەۋەتىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى» بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇلتۇر پەقەت خۇنەن ۋە شەندۇڭدىنلا 200 دىن ئارتۇق ستۇدېنت ئاقسۇ ۋە قەشقەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يىل دائىرە يەنە كېڭەيتىلىپ، خېنەن، سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق 8 ئۆلكىدىن 600 دىن ئارتۇق ستۇدېنت مەخسۇس جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-بازارلاردا مەمۇرلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ «ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى سەپلەش» قاتارلىق ناملار ئاستىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارادىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئېغىر ئىشسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نارازىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بىراق تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بۇ خىتاي ستۇدېنتلارنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغۇچىلار» دەپ تەرىپلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت