«خرىستىئان ئىلىم-پەن كۆزەتكۈچىسى» ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت 400 بەتتىن ئارتۇق مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاخباراتلاردا زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «خرىستىئان ئىلىم-پەن كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىمۇ بۇنىڭغا بىر «تەھرىرات ماقالىسى» ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى 19-نويابىر كۈنى «خىتايدىكى لاگېرلارغا ئائىت ھەقىقەتنىڭ غەلىبىسى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش بەدىلىگە قانداق قىلىپ بىر مىللەتنى دۈشمەن قىلىپ بېكىتكەنلىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئوتتۇرىغا چىقتى» دېيىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 12 مىڭدەك كادىر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇلار ئارىسىدا يەركەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتنى داۋاملىق ئۆز-ئۆزىدىن خەۋپسىرەشتىن ئىبارەت بىر روھىي ھالەتتە باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«خرىستىئان ئىلىم-پەن كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ماقالىسى ئاخىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئەينى يىللاردا ھاكىمىيەتنى گۇمران بولۇش ۋەھىمىسى ئاستىدا باشقۇرغانلىقتىن ئاخىرى ئۆز خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ھالاك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشىنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئۇلارنىمۇ خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئاقىۋەتكە قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت