رېنې كاسسىن تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات تەييارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىدىن «رېنې كاسسىن تەشكىلاتى» يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنتى قارمىقىدىكى «تاشقى ئىشلار كومىتېتى» غا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەييارلىغان مەخسۇس دوكلاتىنى تاپشۇردى.

«‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېيىلگەن ئىشلار ھازىر قايتىلانماقتا» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى، بۇ ھالنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەنگلىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەۋسىيەلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. شۇنداقلا بۇنىڭ ھازىر تولىمۇ جىددىي ۋە تەخىرسىز باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قارىتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرەر ئەمىلى تەدبىر ئېلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات تەييارلىشى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت