ئاقچى ناھىيەسىدىن 135 نەپەر ياش يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان جېجىياڭ ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى 27-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-فېۋرال كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدىن 135 نەپەر ياش جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان. بۇ ياشلار ئاپتوبوس بىلەن ئاقسۇ ئايرودرومىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان ئارقىلىق يىۋۇغا ئەۋەتىلگەن.

يۇقىرىدىكى خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېزگىنلەنگەنلىكى، بۇ ياشلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتە جىددىي ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كورونا ۋىرۇسى كەڭ تارقالغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان ئىدى. دەسلەپكى تۈركۈمدە ئاز كەم 400 دەك ئۇيغۇر ياش خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان خۇنەن، جېجياڭ ۋە جياڭشى ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئىدى. 

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاي ئاخباراتلىرى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئارزۇ ئايرۇپىلانلىرى» غا ئولتۇرۇپ، يەنىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ئاتلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئەڭ ئېغىر يۇقۇم رايونلىرىغا ئەۋەتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «قۇربانلىق» قىلىپ تاللاندى، دېيىشمەكتە. 

دەرۋەقە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە جىددىي يوليورۇق بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت