يېڭى زېلاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى قوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاتاقلىق زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىيامىس گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيمۇرلا ھەققىدىكى سۆزىنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

سونىي بىل ۋىللىيامىس 23‏-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرىدا خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىدا بويالغان بىر قولنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىدا بويالغان يەنە بىر قولنى قاتتىق سىقىپ قانغا بويىغانلىق ھەققىدىكى بىر سىزما رەسىم ئېلان قىلىپ، «بىزنىڭ ئىنسانلىقنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى تاللىشىمىز ئېچىنىشلىقتۇر،» دەپ يازغان.

گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبول چولپىنى، ئەنگلىيە «ئارسېنال» كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسئۇت ئۆزىل يېقىندا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر رايونىدا «قۇرئان كۆيدۈرۈلۈۋاتقان، مەسچىتلەر چېقىلىۋاتقان، مەدرىسىلەر چەكلىنىۋاتقان، (مۇسۇلمان) قېرىنداشلار لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان» بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ سۆزى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مەسۇت ئۆزىلنىڭ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا مەسئۇت ئۆزىل خىتايدىكى بىر پۇتبول ۋىدېيو ئويۇنىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

2009‏-يىلى ئىسلام دىنىغا كىرىپ، مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلغان سونىي بىل ۋىللىيامىس نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەنگلىيە زەيتۇن توپ ئويۇنچىسى، دېگەن باھاغا ئېرىشكەن كىشىدۇر. ئۇنىڭ 23-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېردا مەسئۇت ئۆزىلنى قوللىشى نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت