ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى كارانتىن سىياسىتىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويغان كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئاقلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەلىجان ئانايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن ئۇچۇر چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تارتقاتقان «ئۆسەك سۆزى» ئىكەن. بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش خەۋپى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرگە جاۋاب بېرىشىدۇر.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن خىتاينى قاپلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىمۇ تارقىلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە غەربلىك تېببئىي مۇتەخەسسىسلىرىدە ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار مەزكۇر ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ كەتسە، بۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ لاگىرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. 

ئەلىجان ئانايەت ئاخبارات يىغىنىدا، كورونا ۋىرۇسى پارتلىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ رايوندا كەسكىن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئۆسەك سۆزلەر ئۇيدۇرما ۋە تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ جازا لاگېرلىرى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەركەزلەرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئورۇنلىرى» ئىكەنلىكى، لېكىن غەربلىكلەرنىڭ بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن يىلى بۇ ئورۇنلاردىكى «كۇرسانتلا» رنىڭ پۈتۈنلەي «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن ئەلىجان ئانايەت ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىزچىل ئاكتىپ پائالىيەتتە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ بۇ ئورۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلدى.

تولۇق بەت