ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ ھەپتىمۇ رايوندا يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ ھەپتىمۇ رايوندا يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى بايقالمىغانلىقى، بۇرۇنقى يۇقۇمدارلارنىڭ ئازىيىپ 44 كە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 24‏-فېۋرال كۈنى ئىككى يۇقۇمدار داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. بۇنىڭ بىلەن رايوندىكى 76 نەپەر يۇقۇمداردىن داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار 30 غا يەتكەن. يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ بايقالمىغانلىقى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشتىن توختىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتى كۆزەتكۈچىلەرنى قايىل قىلالمىغان. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋال ئاشكارىلانسا خەلقئارانىڭ لاگېرلارغا بولغان دىققىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقالغان-تارقالمىغانلىقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۆتكەن ھەپتە ۋىرۇسنىڭ خىتايدىكى تۈرمىلەرگە تارقالغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۇيغۇرلاردىكى ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى. 

ياخۇ تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەربىي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن. بىر ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارى، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكانى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىرۇستىن يۇقۇملۇنۇپ ئۆلگەنلەر 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 44 نەپەر يۇقۇمدار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت