ئۆزبېك پرېزىدېنتى رۇسىيە باشلىغان سودا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي گېزىتى» تارقاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆزبېك پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف رۇسىيە دائىرىلىرى باشلىغان سودا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە كەرىموف مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە بۇرۇنقى سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بەزى ھەرىكەتلەر باشلاندى. ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ۋەدە قىلىمەنكى، ئۆزبېكىستان چوڭ ئاكىسى بىلەن كونا سىستېمىنى ياندۇرۇپ كېلىش مەقسەت قىلىنغان بۇنداق بىر ئىتتىپاققا ھەرگىز ئەزا بولمايدۇ.

ھالبۇكى، كەرىموف بۇ يەردە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاتمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ موسكۋا باشلىغان، ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنى كۆزدە تۇتقاقلىقى ئېنىق ئىكەن.

ئۆزبېكىستان 2012 - يىلى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدى.

ئۆزبېكىستان رۇسىيىنىڭ ئەڭ سودا ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمى سودا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت