ئۆزبېك ۋە تاجىكلارنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ ئىشلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1 - يانۋاردىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشى ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش پاسپورتى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئەگەر مۇنداق پاسپورت بولمىسا، بۇرۇنقىدەك ئەركىن كېلىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«سېنتراسىئا» تۆرىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمما، ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن قازاقىستان، بېلارۇسىيە ۋە قىرغىزىستان شۇنىڭدەك ئۇكرائىناغا مۇنداق تەلەپ قويۇلمىغان. بۇ دۆلەتلەردىن رۇسىيەگە كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش پاسپورتى تەلەپ قىلىنمايدىكەن،

رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە 1 - يانۋاردىن ئېتىبارەن رۇسىيەگە كېلىپ ئىشلىمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ رۇس تىلى ۋە رۇسىيە تارىخى ھەم قانۇنلىرىدىن ئىمتىھان بېرىپ، مەخسۇس گۇۋاھنامە ئېلىشىنى بەلگىلىگەن، ئەگەر بۇلاردىن ئۆتەلمىگەن كىشى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن.

سانلىق مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر رۇسىيەدە 2مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېكىستانلىق، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق تاجىكىستانلىق، 550 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت