ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت نامزاتلىرى بېكىتىلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىنى زادى كىمنىڭ ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى يېڭى نۆۋەتلىك ئۆزبەك پرېزىدېنتىنىڭ ھەقىقىي ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھوقۇق تاپشۇرىۋېلىشى ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەتكە ئايلانغان ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيەلىشىش يولىغا مېڭىشىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالاتتى.

ئۆزبېكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 28 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە نامزاتلارنى تاللاپ چىققان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى ئۆزبېكىستاندىكى تۆت پارتىيەدىن جەمئىي تۆت نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىنى تاللاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار «مىللىي تەرەققىيات دېموكراتىك پارتىيەسى» دىن سەرۋەر سەيدۇللايېف، «تەدبىركارلار ۋە ئاقىللار ھەركىتى ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسى» دىن شەۋكەت مىرزايېف، «خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى» دىن ھاتەمجان ئابدۇراھمانوف ۋە «ئادالەت سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەسى» دىن نەرىمان مەجىتوف قاتارلىقلار ئىكەن.

پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بۇ 4 نەپەر نامزات بۈگۈن، يەنى 29 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندىكى ھەرقايسى مەتبۇئات ۋە ئاخباراتلاردا ھەمدە ئاممىۋىي تاراتقۇلاردا سايلام تەشۋىقاتلىرىنى رەسمىي باشلايدىكەن. ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ 4 - دېكابىردا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆزبېكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈشكە كۆرۈنۈش ھازىرلاۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە 4 - دېكابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھازىر ۋاقىتلىق ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان باش مىنىستېر شەۋكەت مىرزايېفنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت