ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئارىسىدا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى بىلەن ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرى بىر-بىرىگە تەبرىكلەش مەكتۇپلىرىنى ئەۋەتكەن. ئىسلام كەرىموف ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى بولغان شاۋكەت مىرزىيايېۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا «25 يىل داۋامىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قەتئىي تەرەپدارى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شاۋكەت مىرزىيايېۋ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئۇزۇن مۇددەت تىجارەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ كارخانا-شىركەتلىرى بىلەن بولغان مەبلەغ ھەم تېخنولوگىيە ھەمكارلىقلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مىقدارى 453 مىليون دوللارغا يەتكەن. ھازىر ئۆزبېكىستاندا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا 164 كارخانا پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ 122 سى بىرلەشمە كارخانا ئىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ شاۋكەت مىرزىيايېۋقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ،«كەلگۈسى يىللاردا رايوندىكى خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق ساھەسىدىكى ئومۇمى مەقسەتلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيمىز دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئەمما 2005-يىلى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ۋە پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف خىتاي ھەم رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت