ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتى 2015 - يىلى 29 - مارت كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يېڭى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا يېشى 30 دىن تۆۋەن بولمىغان ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئۆزىنى كۆرسەتسە بولىدىكەن. ئەمما، ھازىرچە تېخى نامزاتلارنىڭ ئىسىملىرى ئېنىق ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، كىمنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ ئىزباسارى بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بىراق مەتبۇئاتلاردا ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان رۇستەم ئىنايەتوف بىلەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر رۇستەم ئەزىموفنىڭ كەرىموفنىڭ ئىزباسارلىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى مۇھاكىمە قىلىنماقتا.

ئىسلام كەرىموف بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن بولۇپ ئۇ 24 يىلدىن بۇيان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكستان مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسىنىڭ 1 - سېكرىتارى ئىدى.

ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىدا بىر ئادەمنىڭ ئىككى قېتىملا پرېزىدېنت بولۇش ھوقۇقى بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولالمايدىغانلىقى ھەم مۆھلەتنىڭ 5 يىللىقى بەلگىلەنگەن ئىدى. بىراق، ئىسلام كەرىموف 3 قېتىم پرېزىدېنت بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت