ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى.

پرېزىدېنتلىق ئورنىغا تۆت پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى سايلامغا چۈشكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېڭى سايلامغا دۆلەت رەھبىرى ئىسلام كەرىموف ئاساسلىق نامزات سۈپىتىدە قاتناشقان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. كەرىموف ئۆزبېكىستان ئەركىن - دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سايلامغا چۈشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى دەپ ئاتالغان بىر پارتىيەنىڭ ۋەكىلى خاتەمجان كەتمونوۋ پرېزىدېنتلىق ئورنى ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 80 مىڭ ئادەمنى سايلامنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشقا سالغان بولۇپ، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەردىن 300 ئادەم قاتناشقان. 20 مىليون ئادەمنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8 دە بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان.

ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلغىنىغا 25 يىل بولدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم يەنە پرېزىدېنت بولۇشقا ئىنتىلىشى كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت