خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى غەزىپىدىن پايپېتەك بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە سۇنۇلغان بىر پارچە ئىچكى دوكلاتتىن پۈتۈن دۇنيادىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇماتلىق بولغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن بەكلا ئەندىشىگە چۈشكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاجسىمان ۋىرۇسى مەسىلىسىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى ئۆتكەن ئايدا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى، جۈملىدىن شى جىنپىڭ ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە مەخسۇس بىر پارچە دوكلاتنى سۇنغان. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق تاجسىمان ۋىرۇسى مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشلامچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى دولقۇننىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن ناچار خەلقئارا ۋەزىيەتكە مۇپتىلا قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى مەزكۇر دوكلاتنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان. ئەمما بۇ دوكلاتنى كۆرگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي ئەمەلدار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردىكى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىدەك بۇ رېئاللىقنىڭ بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلىكنى خېلى ئوبدانلا پايپېتەك قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسىدىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىگە جاۋابكار بولۇشىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا ئۇلىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان خىتايغا قارشى پىكىر ئېقىمىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىيەسىگە خىرىس ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئېگىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بەزىلەر بۇ ھالغا قاراپ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» مەزگىلىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، دېيىشمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت