خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ زىيىنىنى تۆلىمىسە ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇپ، ئەنگىلىيەنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى، ئەگەر تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلسا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، خىتايغا قايتۇرىدىغان قەرزىنى قايتۇرۇشنى توختىتىشى تەلەپ قىلىندى.

ئەنگلىيە «ھېنرىي جەكسون جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئالان مېندوزانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە تۆلەمنى ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن «ھەرقانداق قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ھەقلىق» ئىكەن.

ئۇ ئەنگلىيە «ئېكسپرەس» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «ئەگەر ئەنگلىيە خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، تۆلەم تۆلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تەقدىردە خىتاي بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىسا، بىز تۆلەمنى ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ھەقلىقمىز. بۇ ئېھتىماللىق خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق قەرزىنى قايتۇرۇشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەبلىغى فوندىنىڭ ئەنگلىيەدە نۇرغۇن مال-مۈلكى ۋە مەبلىغى بار بولۇپ، خىتاي ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن ئۇل سانائەت شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان ئىكەن.

ئەنگلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتايغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە 5G ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قىسمەن قاتنىشىشىغا يول قويغان. بۇ ئامېرىكانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىستىراتېگىيەلىك سانائەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت