ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس مەسىلىسى بارغانسېرى جىددىي تۈس ئالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 59 غا يەتكەن بولۇپ، تۈنۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا يېڭىدىن تۆت كىشى كۆپەيگەن. ھازىر كۆزىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلار ئاللىقاچان 4 مىڭ بىر يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو شۇ كۈنى ئېچىلغان تاجسىمان ۋىرۇس تېمىسىدىكى تېلېفون يىغىنىدا «شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ۋاباغا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاباغا تاقابىل تۇرۇش ۋە كونترول قىلىش چاقىرىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى چوقۇم تولۇق يىغىش، ئىجتىمائىي جەھەتتىن تولۇق كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، جامائەت پىكىرى ئارقىلىق خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش» دېگەندەك بىر قاتار شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چەتئەل ئاخبارات ساھەسىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ماقالىلەر يېزىپ كېلىۋاتقان جوش چىن، بىل بىشوپ قاتارلىقلار «شى جىنپىڭ ئېيتقان ‹يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلەرنى جەزمەن تولۇق يىغىش› دېگەن شوئار ماھىيەتتە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا قاماشتىن ئىلگىرى ئېيتقان شوئارىنىڭ نەق ئۆزى بولدى،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت