تاجسىمان ۋىرۇسى 60 پىرسەنت دۇنيا ئاھالىسىگە يۇقۇشى مۇمكىن ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس ئەگەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلىۋەرسە ئاز دېگەندىمۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىگە يۇقۇشى ئېھتىمالدىن ئانچە يىراق ئىش ئەمەس ئىكەن. يۇقۇملۇق كېسەل ساھەسى بويىچە خوڭكوڭدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تېببىي ئالىم، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گابرىل ليوڭ بۇ سۆزنى قىلغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گابرىل ليوڭ بۇ سۆزنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «ھېچقاچان خىتايغا بېرىپ باقمىغان كىشىلەرنىڭمۇ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى ماھىيەتتە بىز بىلىدىغان ئەھۋالنىڭ مىڭدىن بىرى، خالاس» دېگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان. گابرىلنىڭ پىكرىچە، بۇ يۇقۇمنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر پىرسەنت، دەپ مۆلچەرلىگەندىمۇ ئۆلىدىغان ئادەمنىڭ سانى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىپ چىقىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە سۆز قىلىپ «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پارتلاش باسقۇچى مۇشۇ يېقىندا ۋۇخەندە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ تاشقى دۇنيادىكى پارتلىشى ھازىر باشلانماقتا،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت