خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھېچقانداق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى 8‏-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ ساقايغانلىقى، رايوندا ھېچقانداق يۇقۇمدار قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قاتناشنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 9‏-مارتتىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە جەمئىيەت، بىر قىسىم كارخانا ۋە تارقاق دۇكانلار ئىشقا چۈشۈپ، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىگە كەلگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ كارانتىنغا ئېلىنغان ئەڭ ئاخىرقى بىمار 8‏-مارت كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. دائىرىلەر بىڭتۇەن 9‏-دېۋىزىيەسىدىكى مەزكۇر بىمارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن رايوندىكى 73 نەپەر يۇقۇمداردىن ھېچكىم قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دائىرىلەر ئىلگىرى مەزكۇر رايوندا 76 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، ئۇلاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى 8‏-مارت ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، مەزكۇر رايوندا يېقىنقى 18 كۈندىن بېرى ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق، شۇنداقلا ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش ئۈچۈن رايوندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا رايوندىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەشكە باشلىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت