ۋاڭ چىشەننىڭ پارتىيە ئىنتىزامىنى تەنقىد قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چىشەن دۈشەنبە كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە، كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەنقىد قىلىپ، «پارتىيىنىڭ سىياسىي مەدەنىيىتى يەنىلا ساغلام ئەمەس. 5 يىلدىن بېرى توختىماي كۈرەش قىلىپمۇ پارتىيىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتەلمىدۇق» دېگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ چىشەن بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە «5 يىلدىن بېرى ئەپ بارغان تەكشۈرۈشىمىز نەتىجىسىدە بايقالغان مەسىلىلەر ھەممىسى پارتىيە باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىقنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكنى ئىپادىلەپ بەردى» دېگەن ۋە ئۇ يەنە بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ «پارتىيە ئۇقۇمى ئاجىز، قۇرۇلۇشىمىز بوشاڭ، ئىنتىزام ئۈنۈمسىز. بۇنىڭ يىلتىزى پارتىيىنىڭ ئىچكى سىياسىي ھاياتى جىددىي ۋە ساغلام ئەمەس» دەپ يازغان ۋە بۇ كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «چىرىكلىككە قارشى كۈرىشى» نى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاڭ چىشەن خىتايدا شى جىنپىڭدىن قالسىلا ئىككىنچى قۇدرەتلىك كىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى شەنبە كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى سۇن جىڭسەينىڭ تۇيۇقسىزلا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. سۈن جىڭسەي 10-ئايدىكى 19-قۇرۇلتايدا باش مىنىستىر بولۇپ سايلىنىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان شەخس بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۇيۇقسىزلا ۋاڭ چىشەن باشچىلىقىدىكى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە، شى جىنپىڭنىڭ «چىرىكلىككە قارشى كۈرىشى» نىڭ ھەقىقىي يۈزىگە قارىتا گۇمانلارنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت