ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتا خاتىرە سۈرەت. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتا خاتىرە سۈرەت. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA

10-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش خەلقئاراۋى نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر، شۇنداقلا خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئورتاقلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ زور كۆلەملىك نامايىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 60 تىن ئارتۇق شەھەردە ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنتگتوندىكى نامايىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسى ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق نامايىشچى ئامما ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

نامايىش مەيدانىدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلار كورلادىكى پويىز ئىستانسىدىن نامەلۇم ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسىگە كۆزلىرى باغلانغان، پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا يۆتكەپ مېڭىلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ئوخشاش كۆك رەڭلىك مەھبۇس كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. نامايىش مەيدانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان لاگېرغا قامىلىش، قېيىن-قىستاق، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى قاتارلىق زۇلۇملار نامايىشچىلارنىڭ سەھنىلەشتۈرۈشى بىلەن جانلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلدى.

نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان بۇ نامايىش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت