«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: « ئۇيغۇر بالىلىرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى»دىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ  مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تېز ماقۇللاپ، بۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ يولىنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر رايونىدىكى «بۇ ۋەھشىلىككە تېز ئارىدا خاتىمە بېرىلمىسە پۈتۈن دۇنيا : خىتاينىڭ بىر رايونى جازا لاگېرىنى يولغا قويىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇنىڭ يەنە بىر شەھرىدە 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە بولامدۇ؟  دېگەن سوئالنى سورىشى كېرەك» ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىدا  ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار كېڭشەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تېزراق ئاۋازغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. تەھرىرات ماقالىسىدە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بالىلاردىن باشلانغانلىقى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلەر»دە مېڭە يۇيۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ پىلانى «بالىلارنىڭ ئېڭىدىكى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىنى يۇيۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كومپارتىيەگە ۋە خىتاي ئەنئەنىلىرىگە بولغان ھۆرمەتنى دەسسىتىشتۇر »دېيىلگەنىدى.  ماقالىدە يەنە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنزنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق جايلاردا يەسلىلەرنىڭ شىددەتلىك كۆپەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردا يەسلىلەرگە تىزىملانغان بالىلار خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 12 ھەسسە ئاشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر، مېڭىسى ئەڭ يۇمران ۋاقتىدا مەدەنىيەت قىرغىچىلىقى ۋە ئىجتىمائىي لايىھەلەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت