ۋاشىنگتون پوچتىسى: «خىتاي، شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىكىگە ئەمدى ئىشەندۈرەلمەيدۇ»

2020-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى يەنە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىگە كىشىلەرنى ئەمدى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماقالىدە، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئورۇنلىرىنىڭ بۇ خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىش مەقسىتىدىكى مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«خىتاي قانداق قىلىپ بىر مىليون كىشىنى لاگېرلارغا مەھكۇم قىلدى؟» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىسىدە، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» ئۈچۈن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى ئاشكارىلانغان ئىنچىكە دەلىللەر تۇتقۇنلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى نامۇۋاپىق، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» گە قارىتا ئېلان قىلىنغان.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە خوتەن شەھىرىنىڭ بوستان ئىجتىمائىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 3 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ ئارخىپى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق تۈرمە ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 ئەۋلاد ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، دىنىي ئېتىقادى، تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبى قاتارلىقلار نۇرغۇن ئۇچۇرلار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەنىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى دەلىللەر نۇرغۇن كىشىنىڭ سانائەت باغچىلىرىغا ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنزنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ خىل، قاراتمىلىققا ئىگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىستېمىسىنىڭ ھېچقانداق بىر ئىدىيەۋى، مەمۇرىي مىكرو مېخانىزمى بېيجىڭنىڭ كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشى ھەرىكىتىگە ئائىت 'قاراقاش ھۆججەتلىرىدەك ئوچۇق ئاشكارا ئەمەس» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت