«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «خىتاي شىركەتلىرىدىن سېتىۋالغان پاي چېكىڭىز سىزنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تېررورلۇقنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزىم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش فوندى» نىڭ ئىجرائىيە باشلىقى مارىيون سىمىس ئەپەندى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىدا رول ئويناۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالماسلىققا چاقىردى.

مارىيون سىمىس ئەپەندى 18-ئاپرېل كۈنى «خىتاي شىركەتلىرىدىن سېتىۋالغان پاي چېكىڭىز سىزنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تېررورلۇقنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ پېنسىيە مائاشلىرى باغلىق بولغان پاي چەك سودىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشتە، ئۇلار ئۈستىدىن مۇتلەق نازارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رول ئالغان «خايكۋىژىن» ۋە «داخۇا» شىركەتلىرىنىڭ پېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە گەرچە پېنسىيە مائاشلىرى ئۈچۈن سېلىۋاتقان مەبلەغنىڭ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى ئىككى خىتاي شىركىتىگە بارىدىغانلىقىنى ئامېرىكا خەلقى ئۆزى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئارىدىكى ۋاسىتىچى بولغان مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ چوقۇم بۇ ئامىلغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا ئاپتور ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دەرھال ئامېرىكادىكى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ مەبلىغى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلغان. ئۇ يەنە سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ چوقۇم مۇشۇنداق مەبلەغ سېلىنىدىغان شىركەتلەرنى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە بىر قانۇن ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر خەلقىنى «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا قارىتا مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش قاتارلىق بىر قاتار ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ۋە «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تېررورلۇققا شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بەلكىم كۆپ پۇل تېپىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇ ياخشى پۇل ئەمەس» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت