ئۆركەش دۆلەت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1989‏-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشقا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ ماقالىسى «تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1989‏-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ھەرىكىتى» نىڭ ئۈمىد ۋە غايىسىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈشىنىڭ ئەڭ توغرا چىقىش نۇقتىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئىكەن.

ئۆركەش دۆلەت تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەڭ غوللۇق شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ماقالىسىدە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ياش ھەم خىتاي گىراژدانى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزىدە ناھايىتى تەبىئىي يېتىلگەنلىكى، چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشلىرىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا خام خىيالدا بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنى ھازىرقىدەك كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتەك ھەرىكىتى ئۇلارنى چۆچۈتكەن. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ 30 يىل ئاۋۋال «تيەنئەنمېن ھەرىكىتى» نى قوللىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېگەن خىيالدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن دىئالوگ يولىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ سىياسەت ھازىرقى ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەزىيەتكە ئېلىپ بارغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «ئامېرىكا 1989‏-يىلىنىڭ ئۈمىد ۋە غايىسىنى جانلىق تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ توغرا چىقىش نۇقتىسى شىنجاڭدىكى باستۇرۇشقا قارىتا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشتۇر،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت