«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن مۇخبىرلىرى لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى غايەت زور كۆلەملىك تۈرمىلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلار شۇ قېتىملىق زىيارىتى ئاساسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر ماقالىلىرىنى ئېلان قىلماقتا.

23-سېنتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر زىيارىتى ئاساسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە زور كۆلەملىك لاگېر ياكى تۈرمە بىنالىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرمەكتىكەن. مۇخبىرلار قەشقەردە 60 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان بىر ئورۇنغا سېلىنغان 13 قەۋەتلىك بىر لاگېر بىناسىنى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، بۇ بىنا تېخى بۇ يىل 1-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن. پەقەت مۇشۇ بىنانىڭ ئۆزىگىلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىكەن.

ئوخشاش كۈندە يەنە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) مۇ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، يېڭى بايقاشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «يېقىندا ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان زىيارىتى ۋە شۇنداقلا كانبېررادىكى تەتقىقات ئورنى ASPI تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىسپاتلار خەلقئارالىق بېسىم ۋە تەنقىدلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇمنى توختىتىشىدا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەكسىچە رايوندىكى زۇلۇم يەنىمۇ كۈچىيىپ، شۇملۇققا قاراپ ماڭماقتا.»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قەشقەردە يېڭى قۇرۇلغان بۇ لاگېرلارنىڭ ئىلگىرىكى لاگېر قىلىپ قوللانغان ئورۇنلارغا قارىغاندا كۆزىتىش ۋە نازارەت ئەسلىھەلىرى جەھەتتىن يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، مۇنار ۋە سىم رىشاتكىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېگىزلىكىنى بايقىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ASPI» تەتقىقاتچىسى رۇسېرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ: «بۇ ئورۇنلار ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جەمئىيەت ھاياتىدىن بىراقلا يوقىتىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئورۇنلار قانداقتۇر ‹تەربىيەلەش› ياكى ‹ئۆزگەرتىش› ئورنى ئەمەس. ئۇ پەقەت ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن تۈرمە،» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىت مۇخبىرلىرى بىلەن يەنە ئىككى ياۋروپالىق مۇخبىر قەشقەردىكى يېڭى لاگېرلارنى سۈرەتكە ئالماقچى بولۇپ يولغا چىققاندا، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق تەقىبى ۋە كاشىلىسىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

مۇخبىرلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى قەشقەردە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتى يوقلۇقىنى، ئاياللارنىڭ ئاساسەن ياغلىقسىز كېتىۋاتقانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ بىر بولسا پېچەتلەنگەن بىر بولسا چايخانا، كافېخانا دېگەنلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت