» ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «سىن كۆرۈنۈشى بېيجىڭنىڭ ‹ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز› دېگەن بايانلىرىنى رەت قىلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 27‏-سېنتەبىر كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشى كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ب د ت ئومۇمى كېڭىشىنىڭ نيۇ-يوركتىكى يىغىنى جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار پائالىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز زىيارەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ مەزكۇر رايونغا بېرىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى «خىتاينىڭ رەسمىي بايانلىرىنىڭ ئالدىدا كۆرگەنلەرگە ئىشەنچلىك بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى دۇنياغا ئايان بولغان بىر پاكىت بولۇپ، يېقىندا كورلا پويىز ئىستانسىسىدا تارتىلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى يۆتكەشكە دائىر سىن كۆرۈنۈشى بۇ سىستېمىنىڭ مەشغۇلاتىغا ئالاقىدار يېڭى دەلىل بىلەن تەمىنلىگەن. ماقالىدە مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىسە پېيننىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى «ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق مەنزىرە» دەپ تەرىپلىگەنلىكى، بۇ كۆرۈنۈش بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ، كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىۋاتىمىز» دېگەن بايانلىرىنى كۈچلۈك رەۋىشتە رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاينىڭ باستۇرۇشى كېڭەيمەكتە» سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، «ئۇنىڭ ھازىرقى سىستېمىلىقى باستۇرۇشى بۇرۇن يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.» ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقاتىغا ماسلاشمىغان ھەرقانداق بىر مۇستەقىل ئېتىقاد سىستېمىسىنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش نىيىتىگە كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2‏-قەدەمدىكى نىشانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدىكى 10 مىليون مۇسۇلمان تۇڭگانغا قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت