«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «خىتاي جىنسىي خورلاشنى مۇسۇلمان ئاياللىرىغا قارشى بىر خىل قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 7‏-ئۆكتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر، قازاق ئايال تۇتقۇنلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئاياللارنى تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىشقا قارىتىلغان دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى لاگېردا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلار گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، لاگېرلاردا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر، قازاق  ئايال تۇتقۇنلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىشى، ھامىلدارلار ئاياللارنىڭ بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرىۋېتىشى ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشى ياكى ھەر خىل جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرىدا بولۇشى ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال ئىكەن.

بىر ئۇيغۇر ئايال شاھىت ئۆزىنىڭ تۈرمىدە خىتاي قاراۋۇللىرىنىڭ كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئىككى قېتىم ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى ۋە ھامىلىسىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، « 35ياشنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەرقانداق ئايال ۋە ئەركەك باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ۋە جىنسىي خورلاش مەسىلىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللىرىنى تۇغۇت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئەيمان ئۆمەروۋانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، «نۆۋەتتە خىتاي  دائىرىلىرى ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي خورلاش قىلمىشىنى مۇسۇلمان ئاياللىرىغا قارشى بىر خىل قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە» ئىكەن. ماقالىدە يەنە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،ئۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەبىرلىرىگە چۈشىدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت