«ۋاشىنگتون پوچتىسى» : «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا يەتمەكچى بولغان مەقسىتى نېمە؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەلىك تۇڭگانشۇناس، ئەنگلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دەيۋىد ستروت 19‏-نويابىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىنى ئانالىز قىلغان.

دەيۋىد ستروپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 400 نەچچە مەزكۇر مەخپىي ھۆججىتى ئۇنىڭ «لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي سەۋەبلىرىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن». لېكىن، دەيۋىد ستروپ «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئېتنىك سىياسىتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش دەيمىز؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، بېيجىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 2008‏-يىلى تىبەتتە، 2009‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا پارتلىغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇرۇن يولغا قويۇپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغانىكەن. بۇنىڭدا ئۇلار ئېتنىك پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئىختىلاپنى ھەل قىلمايدۇ، بەلكى پەيدا قىلىدۇ، دېگەننى تەكىتلەشكە باشلىغان. دەيۋىد ستروپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 2016‏-يىلى 4‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار خىزمەت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ: «دىنىي ئېتىقادلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.

دەيۋىد ستروپ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزى كومپارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججىتى ئۇنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت