«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ماقالىسى: «دۇنيا شىنجاڭدىكى ئەھۋال ئاشكارىلىغۇچىنى يەرگە قاراتماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىش ھەققىدە يەنە بىر پارچە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى.

20-نويابىر كۈنى «دۇنيا شىنجاڭدىكى ئەھۋال ئاشكارىلىغۇچىنى يەرگە قاراتماسلىقى كېرەك» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەھرىرات ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت يېقىندا ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزى ئاشكارىلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا «مانا بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي يۈزى. خىتاي ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دىنىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، مېڭىسىنى كومپارتىيەنىڭ ئىدىيەسى بىلەن تولدۇرۇۋاتىدۇ. ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەت بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر تەرىپىدىن بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى،» دېيىلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «كىشىلەر ھەقسىز ھالدا تەربىيەلىنىدىغان جاي» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ مەركەزلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان زور كۆلەمدىكى تۈرمە لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار دۇنيانى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ، مۇنداق دەپ يازغان:

«خىتاي رەھبەرلىرى چەتئەللەرنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىنى داۋاملىق ھالدا ‹بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى› دەپ تۇرۇپ رەت قىلدى. ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ھۆججەتنى خىتاينىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بىرىدىن، يەنى شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىرىدىن ئالغان ئىكەن. دۇنيا مانا بۇ ئەھۋال ئاشكارىلىغۇچىنى يەرگە قاراتماسلىقى كېرەك.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 16-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىياسىتىگە ئائىت 400 بەتتىن ئارتۇق بىر مەخپىي ھۆججىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ بۈگۈنگە قەدەر خەلقئارادا لاگېرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىنى يوققا چىقارغان بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر پاكىت، دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت