ۋاشىنگتون پوچتىسى: «خىتاي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئارقىلىق ‹گۈزەل تىنچلىق› ياراتماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 25‏-نويابىر كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «گۈزەل تىنچلىق» خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئانالىز قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى «ساختا» دەپ رەت قىلغانلىقى تەنقىدلەنگەن. ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» 24‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئارقىلىق گۈزەللىككە ئېرىشمەكتە» سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ئەمەسلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن يېڭى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردىن بۇ جايلارنىڭ «ئەمەلىيەتتە رەھىمسىز، زورلاش خاراكتېرلىك، ۋەھشىيانە مېڭە يۇيۇش ئورۇنلىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا» ئىكەن.

ماقالىدە يەنە، بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىم ۋەقە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى «پۈتۈنلەي توقۇپ چىقىلغان ساختا ھۆججەت»» دەپ ئىنكار قىلغانلىقى تەنقىدلىنىپ، «ھەقىقىي ساختا خەۋەرنىڭ نېمىلىكىنى ھەممە كۆرۈپ يەتكەنلىكى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ‹گۈزەل تىنچلىقى» نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

24‏-نويابىر كۈنى يەنە ئىرېلاندىيەدىكى «ئايرىش ۋاقتى گېزىتى» تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەھشىيلىككە زامانىۋى دۇنيادا ئورۇن يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە، ئەگەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش بۇ خىل خورلۇقلارغا چىداشنى كېرەك قىلسا، بۇنىڭ بەدىلى بەك يۇقىرى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت