«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتاي بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقنىڭ خەتىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى’» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن ماقالە ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتاي بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقنىڭ خەتىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى، غەرب ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئىلمىي ھەمكارلىقىدا ئۇنىڭ بۇنى سۈيىئىستىمال قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، غەربلىك تەتقىقاتچىلار خىتاي بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقتا بىر ھالقىلىق نۇقتىغا سەل قاراپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ خىتايدا ھەر قانداق ئىلمىي تەتقىقات كومپارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا مۇتلەق بويسۇنىدىغانلىقى ئىكەن.

ئۇ بۇنىڭ خىتايدا ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم كومپارتىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى يوشۇرۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ 23-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «كورونا ۋىرۇسى خىتاي بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقنى خەتىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىسىدە ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا «پەن تەتقىقاتقا رەھىمسىزلىك بىلەن ئارىلىشىپ، راست گەپ قىلغانلارنى جازالىغانلىقى، پاكىتلارنى يوقاتقانلىقى، سانلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرى بىلەن پەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشى كورونا ۋىرۇسى پارتلاشتىن بۇرۇنلا ئۆتكۈرلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن جېدەل قىلىشنىڭ ئورنىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىقىنىڭ سۈيىسىتېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئاممىۋى سالامەتلىكتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت