خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يۇمشىشى رۇم پاپاسى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى توڭ ئېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يۇمشاشقا قاراپ يۈزلەنمەكتىكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي گەرچە ۋاتىكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىغا بولغان دىنىي چەكلىمىسىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتىكەن.

خوڭكوڭدىكى كاتولىك ئېپىسكوپىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئاشكارىلىشىچە، ۋاتىكان ئاللىقاچان خىتاي تەرەپ بىلەن خىتايدىكى كاتولىك چوڭ پوپىنى تەيىنلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغان. بۇ كېلىشىم بويىچە خىتاي تەرەپ خىتايدىكى كاتولىك چوڭ پوپىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدىكەن، ۋاتىكان تەرەپ بۇ نامزاتلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ بېكىتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشى يەنە بىر تەرەپتىن رۇم پاپاسى بىلەن دالاي لامانىڭ ئارىسىغا تەبىئىي ھالدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاتىكان ئۆتكەن ھەپتە ئىتالىيەنىڭ ئاسسىسى شەھىرىدە چاقىرغان دۇنياۋى چوڭ دىنلارنىڭ دىنىي داھىيلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا دالاي لامانى تەكلىپ قىلمىغان. مەزكۇر يىغىنغا ئىسلام، خرىستىئان، يەھۇدىي، ھىندى، پروتېستانت ۋە ياپون بۇددىزمى قاتارلىق دىنلارنىڭ دىنىي داھىيلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت بۇددىزمىنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما چاقىرىلمىغان.

خىتاينىڭ دىپلوماتىك بېسىمى سەۋەبلىك رۇم پاپاسىنىڭ 2014-يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت